رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى بارلىق شىمالىي كاۋكازىيىدىكى قوراللىق ئىسيانچىلارنى 1-ئاۋغۇستقىچە قورال تاشلاپ، ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەتلىشىشكە چاقىردى.
بۇ سۆزنى رۇسىيە بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى نىكولاي پاترۇشېۋ ئېيتقان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە شامىل باسايېۋ قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن باشقا باندىت قوراللىق گۇرۇپپىسىغا قاتناشقانلارنىڭ تىنچ ھاياتقا قايتىپ كېلىش پۇرسىتى تۇغۇلدى، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كېرەك بولمىغان قان تۆكۈلۈشتىن ساقلىنىش لازىم دەپ كۆرسەتكەن.
رۇسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى يەنە قورال تاشلاپ، ئۆزلىكىدىن تىنچ ھاياتقا قايتىپ كەلگەنلەرگە چىقىش يولى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن موسكۋاپەرەس چېچەن ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى رامىزان قادىروپمۇ بىلدۈرۈش ئېلان قىلىپ، قوراللىق گۇرۇپپىلارغا قاتناشقانلارنى قورال تاشلاپ، چېچەن ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىشكە چاقىرىپ، ئۇلارغا تىنچ ھاياتلىق يولى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھازىرغا قەدەر چېچەنلەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىگ ئۆلتۈرۈلۈپ تۈگىگەنلىكىنى، پەقەت دوكۇ ئۆمەروپ ۋە بىلەن ئەخمەد زاكايېۋ ئىسىملىك باياناتچىسىنىڭ ئېشىپ قالغانلىقىنى تەكىتلەپ،" چېچەنىيىدىكى ئۇرۇش ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان تۈگىدى"دەپ ئەسكەرتكەن. بىراق، چېچەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ يېڭى رەھبىرى، چېچەن ئىچكىرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى دوكۇ ئۆمەروپ، بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيىدىن ئايرىلىپ چىقىش ھەرىكىتىنى توختاتمايدىغانلىقىنى، شامىل باسايېۋ ئۆلگەن بىلەن ئۇنىڭغا ئوخشاش نەچچە ئونلىغان باسايېۋلارنىڭ ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئۈمىدۋار)
