نازران شەھىرىدە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى


2008.01.26

2007 - يىلى سېنتەبىردە ئېلىپ بېرىلغان، چېچىنىيەدىكى بىر تېررورىزىمغا قارشى مانىۋېردىن كۆرۈنۈش. AFP Photo

شەنبە كۈنى، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ئىچىدىكى مۇسۇلمان جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بېرى بولغان، ئىڭگۇشىتىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى نازران شەھىرىدە، ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان ئىڭگۇش ياشلىرى بىلەن رۇس بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئاز دېگەندە بىر نامايىشچى يارىلانغان ۋە 40 كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ساقچىلار، نازران شەھرىنىڭ مەركىزىدە توپلىنىپ، رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ھېسابلانغان، ئىڭگۇشىتىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى مۇرات زىيازىكوف ھۆكۈمىتىگە قارشى، شۇئار توۋلاشقا باشلىغان نامايىشچىلارنى ئۇرۇپ، ئۇلارنى ئوققا تۇتقان. نامايىشچىلار بولسا، نازران شەھىرىدىكى بىر مىھمانخانا ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللىقىدىكى بىر گېزىتخانا بىناسىغا ئوت قويۇپ بەرگەن.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، رۇس بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى تەركىبىدىكى نامرات مۇسۇلمان جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان، ئىڭگۇشىتىيىدىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئىڭگۇشىتىيە، چىچەنىستانغا قوشنا بولۇپ، ئىڭگۇش خەلقى تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن چېچەن خەلقى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە. چېچەنىستان ئۇرۇشى جەريانىدا نەچچە ئون مىڭلىغان چېچەن، ئىڭگۇشىتىيىدە پاناھلانغان ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى ھېلىمۇ ئىڭگۇشىتىيىدە ياشىماقتا. رۇسلارنىڭ چېچەنىستاندا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى، چېچەنلەرگە يېقىن ھېسداشلىق بىلدۈرگەن ئىڭگۇش خەلقى ئىچىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ھەمدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەلقىنىڭ، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئىتتىپاقدىشى ھەمدە پۇتىنغا ئوخشاشلا سابىق رۇس رازۋېتكا خادىمى بولغان، ئىڭگۇشىتىيە پرېزىدېنتى زىيازىكوف ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىقى كۈچەيمەكتە ئىدى.

ئىڭگۇشىتىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى جۈمە كۈنى، پرېزىدېنت مۇرات زىيازىكوفنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، 500 مىڭ نوپۇسقا ئىگە ئىڭگۇشىتىيىدە كەڭ كۆلەملىك بىر تازىلاش ھەرىكىتى باشلاتقان. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.