خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيىنىڭ چېچەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ رەھبىرى ئارسلان مەشەدوفنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى قارشى ئالدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى باياناتىدا، "بىز رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە تېررورچىلارنى باستۇرۇش يولىدىكى بارلىق تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايمىز" دېدى.
چېچەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ رەھبىرى ئارسلان مەشەدوفنىڭ، سەيشەنبە كۈنى رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ چېچەن پايتەختى گىروزنى ئەتراپىدىكى بىر كەنتتە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. رۇسىيە دائىرىلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى ئائىلە- تاۋاباتلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلماقتا.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوخشاشلا دۆلەت ئىچىدىكى مۇستەقىللىق مەسىلىلىرىگە دۈچ كەلگەچكە، 2000 - يىلى كېلىشىم ماقۇللاپ، چېچەن ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى ئورتاق باستۇرۇشقا كېلىشكەن.
چېچەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ مۆتىدىل ئېقىمدىكى رەھبىرى دەپ قارالغان ئارسلان مەشەدوفنىڭ ئۆلىمى ھەققىدە ئامېرىكا ۋە پولشا ھۆكۈمىتىمۇ ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلارنى قايتۇرغان. (ئارزۇ)