رۇسىيە بىلەن خىتاي ئۈچ ئارالنىڭ چېگرا مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى
2004.10.21
رۇسىيىنىڭ ئېتار-تاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي،يىراق شەرق رايۇنىدىكى تالاش- تارتىش قىلىۋاتقان ئۈچ ئارالنى يېرىمدىن بۆلۈشۈش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. كېلىشىم رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىننىڭ بۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتايغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا ئىمزالانغان.
ئېتار- تاس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىر نەپەر رۇسىيە دىپلوماتىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، كېلىشىمگە ئاساسەن، ئامۇر دەرياسى بويىدىكى چوڭ ئۇسسۇرىئىسكىي ئارىلى، تاراباراي ئارىلى ۋە ئارگۇن دەرياسى بويىدىكى چوڭ ئارالنى ئىككى دۆلەت تەڭ نىسپەتتە بۆلىشىدىكەن.
موسكۋا بىلەن بېيجىڭ گەرچە باشقا چىگرا مەسىلىلىرىدە ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۈچ ئارالنىڭ مەسىلىسى ھازىرغىچە ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئىدى. رۇسىيە سىياسىيونلىرى ئارىسىدا بۇ ئاراللارنىڭ بىر قىسمىنى خىتايغا بۆلۈپ بېرىشكە قارشى كەيپىياتلار كۈچلۈك بولماقتا.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىراق شەرق رايۇنىدىكى بۇ ئۈچ ئارالنى ئىككى دۆلەتنىڭ تەڭ بۆلۈشكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشنى رەت قىلدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي نېفىت تۇرۇبىسى مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى
- پۇتىن خىتاي زىيارىتىدە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى
- رۇسىيە پرېزدېنتى پۇتىن خىتاينى زىيارەت قىلماقچى
- روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن كېلەر ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ
- خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ روسىيىدە كۆپىيىشى ئەندىشىلەرنى قوزغىماقتا
- روسىيە، ب د ت غا تېررورىزم بىلەن باغلىنىشى بولغان سىياسى پانالانغۇچىلارنى قايتۇرۇش تەكلىپى سۇندى
- شامىل باسايېف ، بېسلان پاجىئەسىگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى
- رۇسىيە كولىن پوۋېلنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى
- شىمالى ئوسسىتىيەدىكى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش كرىزىسى قەتلىئام بىلەن ئاخىرلاشتى
- روسىيىدىكى قوراللىق كۈچلەر گۆرۈگە ئېلىنغان بىر قىسىم ئاياللار ۋە بالىلارنى قويۇپ بەردى