رۇسىيىنىڭ ئېتار-تاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي،يىراق شەرق رايۇنىدىكى تالاش- تارتىش قىلىۋاتقان ئۈچ ئارالنى يېرىمدىن بۆلۈشۈش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. كېلىشىم رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىننىڭ بۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتايغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا ئىمزالانغان.
ئېتار- تاس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىر نەپەر رۇسىيە دىپلوماتىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، كېلىشىمگە ئاساسەن، ئامۇر دەرياسى بويىدىكى چوڭ ئۇسسۇرىئىسكىي ئارىلى، تاراباراي ئارىلى ۋە ئارگۇن دەرياسى بويىدىكى چوڭ ئارالنى ئىككى دۆلەت تەڭ نىسپەتتە بۆلىشىدىكەن.
موسكۋا بىلەن بېيجىڭ گەرچە باشقا چىگرا مەسىلىلىرىدە ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۈچ ئارالنىڭ مەسىلىسى ھازىرغىچە ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئىدى. رۇسىيە سىياسىيونلىرى ئارىسىدا بۇ ئاراللارنىڭ بىر قىسمىنى خىتايغا بۆلۈپ بېرىشكە قارشى كەيپىياتلار كۈچلۈك بولماقتا.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىراق شەرق رايۇنىدىكى بۇ ئۈچ ئارالنى ئىككى دۆلەتنىڭ تەڭ بۆلۈشكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشنى رەت قىلدى. (ئارزۇ)