رۇسىيە پارلامېنتى خىتايغا يەر بېرىش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى

رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچىرىغا قارىغاندا، 20-ماي كۈنى رۇسىيە دۆلەت مەجلىسى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى دۆلەت چېگرىسى شەرتنامىسىنىڭ قوشۇمچە كېلىشىمىنى تەستىقلىدى.

2004-يىلى ئىمزالانغان مەزكۇر كېلىشىم يىراق شەرقتىكى ئۈچ ئارال مەسىلىسىگە ئائىت بولۇپ، ئىلگىرى تالاش-تارتىش ئۈستىدە بولۇپ كەلگەن چوڭ ئۇسسۇرىيسىكي، تاراباروۋ قاتارلىق بۇ ئاراللارنىڭ يېرىمى خىتايغا بېرىلىدىكەن.

رۇسىيە دۆلەت مەجلىسى 226 ئاۋاز بىلەن 80 قارشى ئاۋازنى يېڭىپ، مەزكۇر كېلىشىمنى تەستىقتىن ئۆتكۈزدى.

چوڭ ئۇسسۇرىيسىكي ئارىلى ئامۇر دەرياسى بىلەن ئۇسسۇرىي دەرياسى تۇتىشىدىغان جايدا بولۇپ، ئۇنىڭ رۇسىيىنىڭ خاباروۋىسكي شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىر ئەتراپىدا .

كېلىشىمگە بىنائەن ئارالنىڭ 337 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان قىسىمى خىتايغا بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ جايدىكى رۇسىيە پۇقرالىرى كۆچۈرۈلىدۇ.

رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئاراللارنى خىتايغا بېرىشىگە رازى بولغانلىق ھەققىدىكى خەۋەر پەيدا بولغاندىن كېيىن، رۇسىيە جەمىيىتىدە قاتتىق نارازىلىقلار شەكىللەنگەن بولۇپ، خاباروۋىسكي شەھىرىدە بىر قانچە يۈز كىشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىدىكى ئاھالىلاردا خىتاي تەھدىدى ئىدىيىسى كۈچۈيۈپ كەتكەن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)