چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ": كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى"
2008.03.08
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 7 - مارت كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش مەسىلسىدە خەلقئارادىكى بېسىمغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى مەسىلسىدە ھېچقانداق ئىجابىي قارار ئالمىغانلىقىنى، بىلدۈردى.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى ۋېنسىن بروسەل، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا بەرگەن باياناتىدا، خەلقئارا جامائەت كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا خىتايغا قاراتقان بېسىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك" دېگەن. ئۇ، خەلقئارادىكى خىتايغا قارىتىلغان بېسىمنىڭ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش مەسىلسىدە دېگەندەك تەسىر كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ ئەمما، دارفۇر مەسىلسىى قاتارلىق باشقا مەسىلىلەردە ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش ۋە فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزى، قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ بېسىمى تېخىمۇ ئىجابىي تەسىر قوزغايدىكەن.
2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، خەلقئارا جامائەت ۋە خىتاي خەلقىنىڭ دىققىتىنى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلسىگە تارتىش ئۈچۈن خىتاي ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋىنسون بورسەل، "خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق پائالىيەتچىلەرنى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان دەپ، قولغا ئېلىۋاتىدۇ" دېدى. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي بىلەن ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشقا چاقىردى
- "سىنگاپور بوغۇزى ۋاقتى" گېزىتىنىڭ مۇخبىرى چىن شياڭ مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلدى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۈنسېرى ناچارلاشماقتا
- گوللاندىيىدىكى ئولىمپىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىن خىتاينى بىئارام قىلدى
- ياۋروپا پارلامېنتى خىتايدىن سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بروۋىن خىتاي ۋە ھىندىستانغا قاراتقان زىيارىتىنى باشلىدى
- گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى دىققەتنى تارتتى