چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ب د ت نىڭ خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى باھالاشقا قاتناشتۇرغانلىقىنى ئەيىپلىدى
باش شىتابى پارىژدىكى چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتاي، كۇبا ۋە زىمبابۇۋىلارنىڭ دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى باھالاش ئىشلىرىغا قاتناشتۇرىدىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى.
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى باياناتىدا، "بىز ب د ت نىڭ خىتاي، كۇبا ۋە زىمبابۇۋىلارنى بۇ يىل ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ۋەقەلەرنى بېكىتىشكە تاللىغانلىقىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇق. ئىنتايىن ئېنىقكى، دۇنيا ئەھلى بۇ يىل مەزكۇر ئۈچ دۆلەتتە يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاڭلىيالمايدۇ"، دېدى.
مەزكۇر تەشكىلات يەنە، ب د ت نىڭ نېمە ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئۈچ دۆلەتكە بۇ يىلقى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا يىتەكچىلىك ئورۇن بەرگىنىنى چۈشۈنۈپ يىتەلمىگەنلىكىنى كۆرسەتتى.
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي، كۇبا، زىمبابۇۋى، ۋىنگىرىيە ۋە پولشا بىلەن بىرلىشىپ خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، بۇ يىل 3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى جەنۋەدە ئېچىلىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قايسى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك دىلولىرىنىڭ سۇنۇلىدىغانلىقىنى بىكىتىدىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا خىتاينىڭ رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ دىموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى چاقىرىقىنى رەت قىلدى
- كانادا ۋە خىتاي يىللىق كىشىلىك سۆھبىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە كېلىشتى
- كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ 2004 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئەيىبلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كانادا باش مىنىستىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى