چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى شىراكتىن كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلەشنى تەلەپ قىلدى

مەركىزى پارىژدىكى خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان فرانسىيە پرېزىدېنتى جاك شىراكتىن خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن سۆزلەشكەندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەكىتلەشنى، بولۇپمۇ سۆز ئەركىنلىكىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بېرى تەشۋىقات ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئاخبارات خادىملىرىنى، ئىنتېرنېت ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتمەكتە،" دەپ تەكىتلىگەن.

پرېزىدېنت شىراك بۇ سەپىرىدە پەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشتى ۋە شۇ كۈنى فرانسىيە Airbus شىركىتى خىتاي بىلەن 10 مىليارد دوللارلىق سودا توختامنامىسى ئىمزالاپ، خىتايغا 150 دانە ئايرۇپىلان ياساپ بېرىشكە كېلىشتى. ئائىربۇس شىركىتى خىتايدا ئايرۇپىلان قۇراشتۇرۇش سېخى قۇرۇشقا ماقۇل بولغان.

شىراك، جۈمە كۈنى ۋۇخەننى زىيارەت قىلغاندا فرانسىيە خىتاي بىلەن "تېخىمۇ زور ھەمكارلىقلار ئېلىپ بېرىشكە تەييار،" دىدى. شىراك، پەيشەنبە كۈنى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە سودا، يادرو تەھدىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شىراك خىتاي رەھبەرلىرىگە"فرانسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراقلار ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)