كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي شىركىتىنىڭ كانادا دۆلەت بايرىقى ئىزنىكىنى ئىشلەپچىقىرىشىنى چەكلىدى


2005.02.06

كانادا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بىر خىتاي شىركىتى بىلەن تۈزگەن كانادا ئۈچۈن دۆلەت بايرىقى ئىزنىكىنى ئىشلەپچىقىرىش ھەققىدىكى توختامنى بىكار قىلدى.

كانادا فېدېرال ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىۋى ئىشلار مىنىستىرى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، "دۆلەت بايرىقى شۇ دۆلەتنىڭ غۇرۇرى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە. ئۇنى چەتئەل شىركەتلىرىنى ئىشلەپچىقارسا بولمايدۇ" دىگەن.

كانادا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بىر خىتاي شىركىتى بىلەن توختام تۈزۈپ، ئۇنىڭغا كانادانىڭ دۆلەت بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ئىزنەك ئىشچىقىرىشنى ۋاكالەت قىلغان. بىراق، كانادادىكى سولچىلار گۇرۇھى بولغان يېڭى دېموكراتىيە پارتىيىسى كانادا ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىدە قاتتىق ئەيىبلىگەن. يېڭى دېموكراتىيە پارتىيىسى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ناچارلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنداق دۆلەتنىڭ كانادا دۆلەت بايرىقى ئىزنىكىنى ئىشلەپچىقىرىشقا لايىق ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن.

يېڭى دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا، كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي شىركىتى بىلەن تۈزگەن توختامنى بىكار قىلدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.