خىتاي، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئۆي جاھازلىرىغا چەكلىمە قويغانلىقىنى ئەيىپلىدى
2004.12.14
خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئۆي-جاھازلىرىغا قاتتىق چەكلىمە قويۇش قارارىنى ئەيىپلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭچۇئەن "ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى خىتاي شىركەتلىرىگە نىسبەتەن ئادىل بولمىغاملىق، شۇڭا ئامېرىكا بۇ قاراردىن تېز ۋاز كېچىشى كېرەك" دەپ بىلدۈردى.
خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى 2003 - يىلىدىلا ئامېرىكىغا 1 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ياتاق ئۆي جاھازلىرىنى ساتقان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق ئۆي-جاھازلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى شىركەتلەرگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، خىتاي ئۆي جاھازلىرىدىن يۇقىرى باج ئېلىشنى قارار قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بازار ئىقتىسادىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئىزچىل ئەيىبلەپ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ يەنە ئېكسپورت ماللىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش ئارقىلىق، خىتاي ماللىرىنى خەلقئارا سودا بازىرىدا ئادىل بولمىغان ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىۋاتقانلقىنى ئەيىبلىمەكتە.(ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا ئىمبارگونى بىكار قىلىش "سىگنالى" بېرىشى مۇمكىن
- خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قورال - ياراق ئىمباروگىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشىنى تەشەببۇس قىلماقتا
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ شىركىتىگە جازا بەردى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويۇش ئەرزىنى قۇبۇل قىلغانلىقى، خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
- گېرمانىيە خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگۇنى بىكار قىلىشقا قارشى چىقتى