ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ خىل توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتىغا چەكلىمە قويدى


2005.05.15

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۈچ خىل توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتىنى ئىمپورت قىلىشقا چەكلىمە قويۇشنى قارار قىلغاندىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ سودا مىنىستىرى كارلوس گۇتېرىس، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پاختا رەختتىن ئىشلەنگەن كۆينەك، ئىشتان، پاختا ۋە ياكى پولىستىردىن ئىشلەنگەن ئىچ كىيىملەرگە بىردەك سان چەكلىمىسى قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ ئۈچ خىل توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىدىغان سانى بۇ يىل 7.5٪ تىن ئارتۇق كۆپەيسە بولمايدىكەن.

كارلوس گۇتېرىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرىشىگە قارىغاندا، بۇ قارار ئامېرىكىنىڭ توقۇمىچىلىق سانائىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىنغان.

خىتاينىڭ سودا مىنىستىرلىقى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئىچىدە، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەدبىر قوللىنىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئەگەر دۆلەتلەرنىڭ بازىرى ئېغىر دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىغان شارائىتتا، مۇناسىۋەتلىك تەدبىر قوللىنىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىلغان سان چەكلىمىسى بىكار قىلىنغاندىن بۇيان، خىتايدىن ئامېرىكا بازىرىغا كىرگەن توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سانى 1500 پىرسەنت ئاشقان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.