ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي توۋارلىرىغا چەكلىمە قويۇش تەدبىرىنى ئاقلىدى
2005.05.31
ياۋروپا ئىتتىپاقى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي توقۇلما ماللار ئېكسپورتىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىگە چەكلىمە قويۇشنىڭ يىتەرلىك سەۋەبى بار، دەپ كۆرسەتتى. ياۋروپا كومىتېتى سودا مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلاردا خىتاينى تەنقىد قىلىش تونىنى يۈكسەلتىشكە باشلىغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا كومىسارى ماندىلسوننىڭ باياناتچىسى، " ياۋروپا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ زىيىنىنى تولدۇرۋالغىلى بولمايدۇ،" دەپ تەكىتلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خىتاي توۋارلىرىغا چەكلىمە قويۇش يىتەرلىك سەۋەپكە ئىگە ئەمەس، دىگەن ئەيىپلىشىنى رەت قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئايال باياناتچىسى كلاۋدى ۋېرون - روۋېللېنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار خىتاي توۋارلىرىنىڭ ياۋروپا كارخانىلىرىغا سالغان تولدۇرۋالغۇسىز زىيىنىنى ئەتراپلىق پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن باشلاپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا توقۇلما ماللار سۆھبىتىنى باشلىدى. خىتاينىڭ 15 كۈن ئىچىدە توقۇلما ماللار ئېكسپورتىنى ئازايتىش يولىدا چەكلىمە تەدبىرىلىرىنى ئېلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى چەكلەش تەدبىرى ئالمىسا، بريۇسسېلنىڭ چەكلەش تەدبىرى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كلاۋدى ۋېرون - رېۋىللې، ۋاقىتنىڭ قىستاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئەمما خىتاي سودا مىنىستىرى بوشىلەي، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىنى پاكىت ئاساسى يوق، دەپ ئەيىبلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى 81 خىل توقۇلما مالنىڭ ئېكسپورت بېجىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ھەيران قالغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرى ماجراسىغا ئاخىرقى چەك قويدى
- خىتاي، توقۇمىچىلىق ماللىرىغا بولغان ئېكىسپورت بېجىنى ئۆستەردى
- ئامېرىكا يەنە خىتاينىڭ تۆت خىل توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويدى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويۇشنى ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ خىل توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتىغا چەكلىمە قويدى