ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى ھىندونېزىيىنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىنىڭ زور ئىلگىرلەشلەرنى ھاسىل قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، شۇ سەۋەپتىن ئامېرىكىنىڭ ھىندونوزىيىگە قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ھىندونوزىيە 1992- يىلى شەرقىي تىموردا 200 دىن ئوشۇق نامايىشچىنى ئېتىپ تاشلىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دەرھال ھىندونوزىيە بىلەن بولغان ھەربىي ئالاقىنى ئۈزگەن ئىدى. نۆۋەتتە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئامېرىكىنىڭ بۇ يېڭى قارارىغا نارازى بولۇپ، ھىندونوزىيە ئارمىيىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ يەنىلا كىشىنى قايىل قىلارلىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شيون ماككورماك بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، "ئىسلام دۇنياسىدا، ھىندونوزىيە بىر مۇلايىم ئاۋازغا ۋەكىللىك قىلىدۇ" دەپ بىلدۈردى. ھازىر ئانالىزچىلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندونوزىيە بىلەن بولغان ھەربىي ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنىڭ ئاساسلىقى، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى تەسىرىنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئىقتىسادىي ۋە ستراتېگىيىلىك كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ھىندونوزىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇپ، ئۇلار ھەتتا ئىراق ئۇرۇشىغا قارشى تۇرغان. لېكىن ھىندونوزىيە دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلامىي رادىكال كۈچلەرگە زەربە بېرىشتە قاتتىق پوزىتسىيە تۇتقان بولۇپ، ئۇلار ھەتتا بۇ جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشقان. (پەرىدە)