تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن ئامېرىكىدا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
2005.09.22
تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تەيۋەنگە قايتىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتكەن بولۇپ، بۇ يەردە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى توم لانتوس چارشەنبە كۈنى چېنغا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى بەردى.
تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبىيەن ئامېرىكىدىكى مەزگىلىدە، خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاغاۋغا ۋاقىت ۋە ئورۇن چەكلىمىسى بولمىغان ھەمدە ھېچقانداق شەرت قويۇلمىغان ئەھۋالدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىۋىنى قويدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى چېن شۈيبيەن، تىنچ، باراۋەر ئاساستا ھەمدە 3 - دۆلەتتە ئۇچرۇشۇش شەرتى ئاستىدا ئاندىن خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلەيتتى.
چېن شۈيبيەن سۆزىدە يەنە، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدا ئومۇملىشىشىنى ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ تىنچ ھالدا ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما چېن سۆزىدە، خىتاينىڭ يېقىندا چىقارغان "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى"نى ئەيىبلەپ ئۆتۈپ، خىتاينىڭ بۇ قانۇننى چىقىرىشىنىڭ، تەيۋەن مەسىلىسىنى تىنچسىز يولدا بىر تەرەپ قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر ئەزاسى پرېزىدېنت بۇشقا تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە خەت يازدى
- ئامېرىكا تەيۋەنگە سېتىپ بەرگەن ئۇرۇش پاراخوتىنى بۇ يىل يەتكۈزمەكچى
- تەيۋەن، دۇنيادىكى سىياسىي تەسىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارالىق بىر تەشكىلات قۇرغان
- خىتاي ھۆكۈمىتى، تەيۋەننى مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە يەنە ئاگاھلاندۇردى
- چىن شۈيبيەن تالاش- تارتىشتىكى پاراتۇس ئارىلىنى زىيارەت قىلدى