چېن شۈيبيەننىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى ئالياسكا بىلەن چەكلەندى
2006.05.03
تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ چارشەنبە بىلدۈرۇشىچە، لاتىن ئامېرىكىسىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ ئامېرىكا چېگرىسىدىن كىرىشى ئالياسكا بىلەن چەكلەنگەن. تەيۋەن دائىرىلىرى بۇنداق بولۇشىدا خىتاينىڭ تۈرتكىسى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، چېن شۈيبيەننىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنىڭ پاراگۋاي ۋە كوستورىكاغا قىلىدىغان 5 كۈنلۈك زىيارىتىدە نيو-يوركتا توختاپ ئۆتۈشنى ھەمدە قايتىش يولىدا سان-فرانسىسكودا توختاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېيمىس خۇاڭ چارشەنبە بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چېننىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى ئالياسكا بىلەن چەكلەپ قويۇشىغا رازى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما ئۇ سۆزىدە يەنە، تەيۋەننىڭ ، ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكا ئۈچۈن "قىيىنچلىق" تۇغدۇرۇشنىمۇ خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ يەردە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو پروگراممىسىغا قارشى تۇرۇشتا خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېرىشمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
چېن شۈيبيەننىڭ نيو-يورك ئارقىلىق ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتمەكچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىدىن چېننىڭ نيو-يوركقا كىرىشىگە يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىدى. گەرچە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن رەسمىي مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، لېكىن ۋاشىنگتون ھازىرغىچە تەيۋەننىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشىدۇر. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي چېن شۈيبيەننىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىغا قارشى چىقتى
- رودمان: خىتاي تەيۋەن بوغىزىدىكى ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىنى بۇزدى
- سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى ئارمىتېچ تەيۋەننى زىيارەت قىلدى
- خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا تەيۋەن مۇستەقىللىقى ئاگاھلاندۇرۇلدى
- خىتاي چېن شۈيبيەنگە ھەربىي مانېۋىر بىلەن جاۋاب بەرمەكچى