ئاۋىسترالىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاي دېپلوماتى چېن يوڭلىن ۋاشىنگتونغا كېلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئويۇشتۇرغان ئىسپات بېرىش يىغىنىغا قاتناشماقچى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چېن يوڭلىن ۋاشىنگتونغا مېڭىش ئالدىدا مۇخبىرلارغا، ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى، ئامېرىكا خەلقىغە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە فالۇنگوڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەن ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
37 ياشلىق چېن يوڭلىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىدنىيدىكى كونسولخانىسىنىڭ دېپلوماتى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 5 - ئايدا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ فالۇنگوڭچىلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇ خىتايغا قايتۇرىۋېتىلسە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازالىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.
چېن يوڭلىن يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا مىڭدىن ئوشۇق خىتاي جاسوسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ھەمدە بۇ كىشىلەرنىڭ نازارەت قىلىش ۋە فالونگوڭچىلارنى ئاۋارە قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى پاش قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى چېن يوڭلىن پاناھلىق تىلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى يالغان دەپ جاكارلىدى. شۇنداقلا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چېن يوڭلىن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئاۋسترالىيىدە مەڭگۈلۈك تۇرۇش ۋىزىسى بەرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى. (پەرىدە)