سابىق خىتاي دىپلوماتى چىن يوڭلىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋالىق بەردى


2005.07.22

ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ سابىق بىرىنچى دەرىجىلىك كاتىپى چىن يوڭلىن، پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ چەتئەلدىكى دېموكراتىك كۈچلەر، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى، فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىغا قارشى پائالىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

چىن يوڭلىننىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيىگە 1000 دىن ئارتۇق جاسۇس ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ جاسۇسلار ئاۋسترالىيىدىكى فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى، دېموكراتىك كۈچلەرنى، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇلكەن.

چىن يوڭلىن "مېنىڭ بىلىشىمچە جوڭگو ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىدا بۇنىڭغا ئوخشاش خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىللىگەن،" دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى خىتاي جاسۇسلىرى ۋە پايلاقچىلىرىنىڭ سانى ئاۋسترالىيىدىكىدىن ئاز ئەمەسكەن.

پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، چىن يوڭلىن بىلەن بىرگە "يېڭى تاڭرېن" تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە "ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى" نىڭ مەسئۇللىرى گۇۋاھلىق بەردى. شۇ كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالدىدىكى چىملىقتا فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە فالۇنگوڭ تەرىقىتىگە داۋاملىق زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.