سابىق خىتاي دىپلوماتى: خىتايدىكى سىياسىي ۋەزىيەت مۇقىم ئەمەس


2005.10.25

خىتايدىن يۈز ئۆرىگەن سابىق دىپلومات چېن يۇڭلىن، خىتايدىكى سىياسىي ۋەزىيەت مۇقىم بولمىغانلىقتىن، غەرب شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشى بىر خاتا قارار دەپ بىلدۈردى.

چېن يۇڭلىن ئەسلى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاۋىسترالىيە سېيدنىيدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتى ئىدى. ئۇ كىيىن خىتايدىن يۈز ئۆرۈپ، ئاۋىسترالىيىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ھەمدە ئاۋىستىرالىيىنىڭ بەش يىللىق ئۇزارتقىلى بولىدىغان ۋېزىسىغا ئېرىشكەن.

ئۇ دۈشەنبە كۈنى پارىˆدا نۇتۇق سۆزلەپ، فرانسىيە شىركەتلىرىنى خىتايغا مەبلەغ سالماسلىققا ئۈندىگەن. چۈنكى ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى سىياسىي ۋەزىيەت مۇقىم ئەمەس بولۇپ، خۇ جىنتاۋ ۋە جياڭ زېمىننىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپ، ھۆكۈمەتنى گۈمران قىلىشى مۇمكىن.

چېن يۇڭلىننىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە، غەرب دۆلەتلىرىدىكى تىجارەتچىلەر خىتاينى تەرەققى قىلىۋاتىدۇ دەپ قارىغان بىلەن، خىتاينىڭ يۈزەكى گۈللىنىشىنىڭ ئارقىسىدا ئېغىر خەۋپ بار ئىكەن.

چېن يۇڭلىننىڭ سۆزىگە قارىتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۇڭ چۈئەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، دۆلىتىدىن يۈز ئۆرىگەن كىشىنىڭ گېپى ئىشەنچلىك ئەمەس دەپ بىلدۈردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، چېن يۇڭلىن ئىلگىرى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىدە نەچچە مىڭلىغان ئىشپىيونلىرى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان. بىراق خىتاي دائىرىلىرى بۇنىمۇ سەپسەتە دەپ ئىنكار قىلغان ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.