ھىندىستان باش مىنستىرى مانموھانسىڭ خىتايغا قاراتقان زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

0:00 / 0:00

دۈشەنبە كۈنى ھىندىستان بىلەن خىتاي باش مىنىستىرلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. گەرچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر كۈنسىېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسسىلەر، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھېلىمۇ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشماقتا.

خىتايغا قاراتقان زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، ھىندىستان باش مىنستىرى مانموھانسىڭ، دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا، خىتاي باش مىنستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن ئۇچرىشىپ، خىتاي- ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىيات يۆنۈلۈشىنى بەلگىلەيدىغان بىرلەشمە باياناتقا قول قويدى.

بىرلەشمە باياناتتا، ھىنىدىستان ۋە خىتاي باش مىنستىرلىرى، 2010‏- يىلىغىچە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت ھەجمىنى 60 مىلىيارد دوللارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن شۇنىڭدەك ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان، چېگرا ئىختىلاپىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىرلەشمە باياناتتا شۇنداقلا، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ھىندىستان بىلەن خىتاي ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، مەزكۇر مانېۋىرنىڭ ئىككىنچىسىنىڭ ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن باياناتتا، ئىككىنچى قېتىملىق ھەربىي مانېۋىرنىڭ قاچان ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە بىر نېمە دېيىلمىگەن.

گەرچە، ھىندىستان ۋە خىتاي باش منىستىرلىرى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىلەتلەرنى ھەر تەرەپلىمە تەرەققى قىلدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي ئانالىزچىلار، ھىنىدىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ھېلىمۇ نۇرغۇن ئىختىلاپلار مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن، بۇ ئىختىلاپلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، 1962‏- يىلىدىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ھېلىمۇ بىر-بىرىگە قارشى جىددىي ئىشەنچسىزلىك مەۋجۇت بولۇپ، گەرچە، مەۋجۇت چېگرا ئىختىلاپىنى بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئىككى دۆلەت خادىملىرى، 11 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما سۆھبەتلەردە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان.

گەرچە، ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموھانسىڭ ۋە خىتاي باش مىنستىرى ۋين جياباۋ بىرلەشمە باياناتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى تەرەققى قىلدۇرىدىغانلىقىنى ۋە تىجارەت ھەجمىنى 2010 يىلىغىچە 60 مىليارد دوللارغا چىقرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇنلىغان مۇلاھىزىچىلەر، دۇنيادا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەڭ تېز تەرەققى قىلىۋاتقان ئىككى چوڭ دۆلەت ھېسابلانغان خىتاي بىلەن ھىنىدىستاننى، كېلەچەكتە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن بىر-بىرىگە رەقىپ بولالايىدىغان ئىككى دۆلەت دەپ قارىماقتا.

ھىندىستانلىق سىياسىي مۇلاھىزىچى، ئۇدەي باشكار، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىدە مەۋجۇت قىزىل رەقەم ئازايتىلىشى كېرەك، دەيدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھىندسىتان بىلەن خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى قىزىل رەقەم كۈنسىېرى كۆپىيۋاتقان بولۇپ ، بۇ ھىنىدىستان تەرەپىنىڭ جىددىي نارازىلىقىغا سەۋەب بولماقتا. ئۆتكەن يىلى ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت ھەجىمى 40 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى خىتاينىڭ ھىنىدىستانغا قىلغان ئىكسپورتى تەشكىللىگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ بېرما ۋە پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى، ھىندىستان ئۈچۈن جىددىي بىر ئەندىشە مەنبەسى دەپ قارىسا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن كۈنسىېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇناسىۋەتلىرىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئىقتسادى تېز تەرەققى قىلىۋاتقان ۋە ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي بىر رىقابەت ئىچىدە ئىكەن.