ھىندىستان باش مىنىستىرى سىنخ بېيجىڭدە ئېلىپ بارغان ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. سىنگىر خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جياباۋلار بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلدى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ": گەرچە بۇ قېتىمقى زىيارەت ناھايىتى قىسقا بولغان بولسىمۇ، بىراق نەتىجىلىك بولدى" دېدى . بۇ ئارىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ " ھىندىستان مىنىستىرى سىنگىرنىڭ زىيارىتى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىشىشىدا مۇھىم رول ئويناش بىلەن تەڭ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك " دەپ بىلدۈردى.
سىنخ 5 يىلدىن بۇيانقى، تۇنجى قېتىم خىتايغا زىيارەتكە كەلگەن ھىندىستان باش مىنستىرى ھېسابلىنىدۇ. 1962 - يىلى ھىندىستان خىتاي ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان چېگرا تالىشىش ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئىختىلاپ ھازىرغا قەدەر ھەل بولماي كەلمەكتە. سىنگىر سۆزىدە يەنە ئىككى تەرەپنىڭ 2005 - يىلى بىرلىككە كەلگەن پرىنسىپ بۇيىچە ھەر ئىككى تەرەپ قايىل بولىدىغان چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ مەسىلىنى ھەل قىللالايدىغانلىقىغا ئىشەنچى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىككى تەرەپ ، سودا، ئېنىرگىيە ۋە مۇھىت قاتارلىق ساھەلەر بۇيىچە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش تەشەببۈسلىرىنى بىلدۈردى.
بۇ ئارىدا خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ھىندىستاننىڭ 2009 - يىلى تۇنجى قېتىم قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ۋە مەزكۈر بومبىنىڭ ئېتىلىش مۇساپىسى ياۋرۇپاغا يېتىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.