كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى، مەشھۇر ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيانى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى
2008.01.01
مەركىزى پارىژغا جايلاشقان چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، 28 - دېكابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، مەشھۇر ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيانى قولغا ئالغانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە ئۇنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى.
خۇ جيا، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ خەتىرى ھەققىدە، ئۈزلۈكسىز ئەھۋال ئىگىلەپ، بىر تەرەپتىن ئەيدىز بىمارلىرىنى كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىشكە چاقىرسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى، بۇ ھەقتە جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان ھەم دۇنياغا خىتايدىكى ئەيدىز ۋەزىيىتىنى پاش قىلىپ كەلگەن ئىدى.
خۇ جيانىڭ بۇ پائالىيەتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قۇتراتقۇلۇق دەپ قارىلىپ، ئۇ كۆپ قېتىم نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ۋە سوراققا تارتىلغان ئىدى. يېقىندا ئۇ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكرار قولغا ئېلىنغان. خۇ جيانىڭ پائالىيەتلىرى بولسا، چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ۋە ئائىلىسى بۇيىچە بۇ يىل 5 - دېكابىردا، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن تەسىس قىلغان ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ قېتىمقى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خۇ جيانى دەرھال قويۇۋېتىشكە چاقىرىش بىلەن تەڭ ياۋروپا بىرلىكىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى. (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە يەنىلا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە
- گېرمانىيە كەچۈرۈم تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى : خىتاي ئۆزىنىڭ يېڭى ئاخبارات بەلگىلىمىسىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك
- خوڭكوڭ دېموكراتلىرى خوڭكوڭنى دېموكراتىك ئىدارە قىلىشقا قىستىماقتا
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقوقى ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، ئادەتتىن تاشقىرى دىققەتكە سازاۋەر بولماقتا
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ياۋروپا پارلامېنتنىڭ خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى قارار لايىھىسىنى ئالقىشلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى چەكلەش ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى
- دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ باش كومىسسارى بايانات ئېلان قىلدى
- ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتى خىتايغا كىرگۈزۈلمىدى