"چىرىكلىك" خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قانۇنلۇق ھاكىمىيىتىگە تەھدىت بولماقتا

خەلقئارالىق تەشكىلات بولغان "ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى" يېقىندا بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتى مەزگىلىدە پەيدا بولغان چىرىكلىكنىڭ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قانۇنلۇق ھاكىمىيىتىگە تەھدىت بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

مەزكۇر دوكلاتتا مەلۇم بولۇشىچە يەنە، خىتايدا چىرىكلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان، دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئاز دېگەندە 5٪ ئىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 84 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى چىقارغان بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، 1993 - يىلىدىن 1997 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، خىتايدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكى چىرىكلىك دېلوسىنىڭ 387 مىڭ 300 قېتىم يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم قىلىنغان.

فرانسىيىدىكى بۇ "ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى" چىقارغان دوكلاتتا مەلۇم بولۇشىچە يەنە، 2003 - يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىلا 8 مىڭدىن كۆپ خىتاي ئەمەلدارلىرى ئامېرىكىغا قېچىپ كېلىۋالغان. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ 2/3 قىسمى دۆلەت ئىگىلىگىدىكى كارخانىلارنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتايدىن قانۇنسىز ھالدا ئېلىپ قاچقان پۇلى 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. (پەرىدە)