ئالاتاۋ پورتىدىن چەتئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىنماقچى بولغان 10 مىڭ يەشىككە يېقىن چىش پاستىسى، ئۆلچەمگە يەتمەي قايتۇرۇۋېتىلگەن.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئالاتاۋ تاموژنىسى 21 ئاپتوموبىلدىكى چىش پاستىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، چىش پاستىلىرىدا دىئېتىلېن گلىكول ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالىنى بايقىغان.
خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان چىش پاستىلىرىدىن زەھەرلىنىشتىن كېلىپ چىققان ئۆلۈم ۋەقەلىرى، خىتاينىڭ خەلقئارا سودا بازىرىدىكى ئابرويىنى يەرگە ئۇردى. ئوخشاشلا ئېكىسپورت قىلىنغان خىتاي يېمەكلىكلىرىدە بايقالغان زەھەرلىك ماددىلار، سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتمەسلىك ئەھۋاللىرى، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتتى.
نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا بازاردىكى ئورنىنىڭ ئۈزلۈكسىز سەلبىي تەسىرلەرگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئېكىسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا قاراتقان تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتمەكتە.
بىراق ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرى، ئۆلچەمدىن ئۆتمىگەن 10 مىڭ يەشىككە يېقىن چىش پاستىسىنىڭ ئىقتىسادىي زىياننى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىستىمالچىلارغا سېتىلىش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (ئەقىدە)