ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىغا ئائىت دوكلاتىنى ئاشكارىلىدى
ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى يېقىندا، خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى تەرەققىياتىغا ئائىت مەخپىي ماتىياللارنى ئاشكارىلاپ، خىتاينىڭ 1964 - يىلىدىكى تۇنجى ئاتوم سىنىقىدىن بۇيان، يادرو قوراللار تەرەققىياتىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە تېز بولغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ماتىرىياللار ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ يەككە گۇرۇپپىدا ئاشكارىلىغان ئەڭ چوڭ ماتىرىيال ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ -1976 يىلىغىچە بولغان 30 يىلدىكى ھەربىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى ھەم ئارقا كۆرۈنۈشى خاتىرىلەنگەن.
دوكلاتتا يەنە، خىتايدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى، تېز سۈرئەتتە سانائەتلىشىش، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا تۇتقان سىياسىي مەيدانى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان ئىكەن.
شۇنداقلا بۇ ماتىرىياللار ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ 71 پارچە دوكلاتىدىن تەشكىل قىلغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئۈزلۈكسىز رىقابەت بولىۋاتقان خىتاينىڭ بۈگۈنكى سىياسىتىنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي 40 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتوم بومبا سىناقلىرىنى ئېلىپ باردى
- شىمالىي كورىيىنىڭ 2 - نۇمۇرلۇق رەھبىرى كىم يۇڭنەم خىتاينى زىيارەت قىلدى
- ئامېرىكا تەكشۈرگۈچىسى ئىراقنىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ يەتتە شىركىتىگە ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزدى
- شىمالى كورىيە يادرو قوراللاردىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتى 9 - سېنتەبىردىكى چوڭ پارتلاش ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بەردى
- خىتاي بىلەن ئامېرىكا يادرو قوراللار مەسىلىسىدە ئىختىلابلارنى ھەل قىلىشقا قاراپ يۈزلەندى