ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىغا ئائىت دوكلاتىنى ئاشكارىلىدى

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى يېقىندا، خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى تەرەققىياتىغا ئائىت مەخپىي ماتىياللارنى ئاشكارىلاپ، خىتاينىڭ 1964 - يىلىدىكى تۇنجى ئاتوم سىنىقىدىن بۇيان، يادرو قوراللار تەرەققىياتىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە تېز بولغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ماتىرىياللار ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ يەككە گۇرۇپپىدا ئاشكارىلىغان ئەڭ چوڭ ماتىرىيال ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ -1976 يىلىغىچە بولغان 30 يىلدىكى ھەربىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى ھەم ئارقا كۆرۈنۈشى خاتىرىلەنگەن.

دوكلاتتا يەنە، خىتايدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى، تېز سۈرئەتتە سانائەتلىشىش، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا تۇتقان سىياسىي مەيدانى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان ئىكەن.

شۇنداقلا بۇ ماتىرىياللار ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ 71 پارچە دوكلاتىدىن تەشكىل قىلغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئۈزلۈكسىز رىقابەت بولىۋاتقان خىتاينىڭ بۈگۈنكى سىياسىتىنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. (پەرىدە)