كولىن پوۋېلل شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
2004.10.22
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېلل جۈمە كۈنى ياپونىيە جەنۇبىي كورىيە ۋە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى. كولىن پوۋېللنىڭ خىتايدىكى زىيارىتىنىڭ ئاساسى كۈنتەرتىپى شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسىگە مەركەزلىشىدۇ.
خىتاي، كولىن پوۋېللنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى 3 دۆلەتتە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى. ئۇنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى 24 ۋە 25 - ئۆكتەبىرلەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ چىيۆ، كولىن پوۋېللنىڭ زىيارىتى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدىكى مۇھىم زىيارەت دەپ كۆرسەتتى. جاڭ چىيۆ، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، تەيۋەن مەسىلىسى، شىمالىي كورىيە، تېرورچىلىققا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رىچارد بوچېر، چېن شۈيبيەننىڭ 10 - ئۆكتەبىردىكى نۇتۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەيۋەن مەسىلىسى، كولىن پوۋېللىنىڭ بېيجىڭدىكى زىيارىتىنىڭ مۇزاكىرە كۈنتەرتىپىگە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ئاشكارلىشىچە، كولىن پوۋېلل كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىدۇ. ئۇ، " نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى" نىڭ تەتقىقاتچىسى جاۋ يەننىڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى مۈمكىن. جاۋ يەن " نيۇ - يورك ۋاقتى" گېزىتىنىڭ خىتايدىكى خادىمى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى جاۋ يەننى رەسمى قولغا ئېلىپ، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەللىكلەرگە ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەنگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شىمالىي كورىيىنىڭ 2 - نۇمۇرلۇق رەھبىرى كىم يۇڭنەم خىتاينى زىيارەت قىلدى
- كولىن پوۋېل شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىدۇ
- فرانسىيە پرىزىدېنتى خىتاينى زىيارەت قىلدى
- پوۋېلل بىلەن لى جاۋشىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە ئىختىلاپقا چۈشۈپ قالدى
- شىمالى كورىيە يادرو قوراللاردىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- ٪ 58 جەنۇبىي كورىيىلىكلەر خىتاينى ياخشى كۆرمەيدىكەن
- شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتى 9 - سېنتەبىردىكى چوڭ پارتلاش ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بەردى
- ئامېرىكا دىپلوماتىك ئەمەلدارى خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلىدى