خىتاي ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىناسىنىڭ كومپيۇتور سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى


2007.09.04

ئامېرىكىنىڭ بەش بۇرجەكلىك بىناسى يەنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ كومپيۇتېرىغا خىتاي خاككېرىنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلىشىگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە رەسمىي ئىنكاس قايتۇرۇپ ،ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى.

بۇ ھەقتە بايانات بەرگەن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جياڭچى " ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەيىبلىشى پۈتۈنلەي ئاساسسىز ، ئەكسىچە ، جۇڭگو خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلمەكتە" دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 6 - ئايدا ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىناسى كومپيۇتور سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

بۇ پەيتتە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ مەخسۇس ئىنتېرنېت ۋىرۇسلىرىنى تۈزەپ خاكلاش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان بىر قىسىمنى تەيىنلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەمما خىتاي بۇنى ئىنكار قىلغان ھەمدە بۇ ئىنتېرنېت مەشغۇلات قىسمىنىڭ پەقەت مۇداپىئەلىنىش زۆرۈرىيىتى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەمما ، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھەربىي ئەمەلدارى،" ئامېرىكىغا قارشى ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۈشمەن كۈچلەر ، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەم ئىقتىسادى مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە . ئەمما پەقەت خىتاينىڭلا بۇنداق قىلىش ئىقتىدارى بار" دېگەن.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو ‏- تېلېۋىزىيە تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە ، جياڭچى يەنە" جۇڭگو ھۆكۈمىتى خاككېرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتېرنېت تورى جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ كەلمەكتە، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىۋاتقان پەيتتە ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىزغا جۇڭگو ھەربىي دائىرلىرى خاكىر ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى دەپ كۆرسىتىشى ، سوغاق ئۇرۇش مەيدانىدا تۇرۇپ تۆھمەت قىلغانلىق" دەپ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغان.

بۇنىڭ ئالدىدا گېرمانىيىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداش دائىرىلىرى ، گېرمانىيە ھۆكۈمەت كومپيوتېر سىستېمىسىدا خىتايدىن كەلگەن خاككېىرلار بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ، خاككېرلارنىڭ خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى . ئەمما خىتاي دائىرىلىرى 26 ‏- ئاۋغۇست بۇنىمۇ ئىنكار قىلدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.