17 - سېنتەبىر چۈشتىن كىيىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى پەرزەنتلىرىنى ۋە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى دەرھال قويۇپ بېرىش ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىدىغان497 - نومۇرلۇق قارار ئېلىندى.
497 - نومۇرلۇق بۇ قاراردا "ئاۋام پالاتا ئەزالىرى شۇنى بىلدۈرىدۇكى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك ھەمدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەدەنىي، تىل، دىنىي قاتارلىق قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي توختىتىشى شەرت" دەپ كۆرسىتىلگەن .
مەزكۇر قارار، پالاتا ئەزالىرىدىن رۇس- لەھتىنېن خانىم، تام لانتوس ئەپەندى، ئىندىئان ۋەكىلى بۇرتون ئەپەندى، روھراباچېر ئەپەندى، چابوت ئەپەندى، پېنسې ئەپەندى، پىتتس ئەپەندى، خوندا ئەپەندى قاتارلىقلار تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا سۇنۇلغان.
يىغىن جەريانىدا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرستوفېر سىمس ئەپەندى دۇنيادىكى تەسىرى بار شەخسلەردىن دالاي لاما قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ: " تىبەتلەر ئۈچۈن دالاي لاما بولغىنىدەك ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ رابىيە قادىر خانىم باردۇر" دېدى ۋە سۆز ئاخىرىدا ئۇ يەنە: " بىز بۈگۈن غەيرەتلىك ئەمما قەلبى چوڭقۇر ئازابقا تولغان بىر ئانىنىڭ 'بالىلىرىمنى قويۇۋەت' دېگەن نىداسىغا جۆر بولىمىز" دېدى.
بۈگۈن ماقۇللانغان 497 - نومۇرلۇق قاراردا، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت، ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىنى نەزەرگە ئېلىش ۋە ئۇلارغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىش، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىش ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان نەزەربەند قىلىشنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇش ۋە كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى دەرھال قويۇپ بېرىپ ئائىلىسى بىلەن جەم قىلىش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىندى. (جۈمە)