داغىستاندا توقۇنۇش يۈز بەردى

يەكشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ داغىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ماخاچقالا شەھىرىدە ھۆكۈمەت قوشۇنلىرى بىلەن قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدا بىر قانچە سائەتكە سوزۇلغان توقۇنۇش يۈز بەردى.

رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاخ ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېتىشىش جەريانىدا تۆت پىدائىي ۋە ئىككى نەپەر ھۆكۈمەت ساقچى ئوفىتسېرى ئۆلگەن.

داغىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆلگەن پىدائىيلارنىڭ كىملىكىنى بېكىتكەندە، ئۇلارنىڭ " شەرىئەت" دەپ ئاتالغان قوراللىق تەشكىلاتنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان ئىكەن. داغىستان ساقچى دائىرىلىرى يەنە باشقا گۇمانلىق نۇقتىلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يوشۇرىنىۋالغان پىيالىلارنى تۇتۇش ھەرىكىتى باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن شۇنىڭدەك يەنە ماخاچقالا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا بارلىق چوڭ-كىچىك ماشىنىلارنى بىردەك تەكشۈرۈش، قامال قىلىش ئېلىپ بارغان.

داغىستان شىمالىي كاۋكازىيىدىكى تۈركىي تىللىرى ۋە كاۋكاز تىللىرىدا سۆزلەشكۈچى 30 دىن ئارتۇق مىللەت ياشايدىغان جۇمھۇرىيەت. چېچىنىيىگە قوشنا بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ چېچىنىيىدىن كېيىنكى ئىككىنچى توقۇنۇشلار نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى خەۋپسىزلەندۈرمەكتە. (ئۈمىدۋار)