دالاي لاما رىم پاپاسى بىلەن كۆرۈشتى


2006.10.13

10‏-ئاينىڭ 13‏- كۈنى تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىيسى دالاي لاما رىم پاپاسى 16‏- بىنىدىكت بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دىنىي رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىنى خەۋەر قىلغان ۋاتىكان دائىرىلىرى بۇ ئۇچرىشىش جەريانىدا قانداق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاتىكان خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ يىرىكلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دالاي لامانىڭ زىيارىتى ھەققىدە رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىغان. دالاي لاما بۇندىن بۇرۇنمۇ ۋاتىكاننى زىيارەت قىلغان. ئۇ ئاخىرقى قېتىم 2004‏- يىلى ۋاتىكاننى زىيارەت قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى رىم پاپاسى 2‏- جان پال بىلەن كۆرۈشكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ۋاتىكان ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكلىك، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى كاتولىك مۇخلىسلىرىنىڭ ۋاتىكان بىلەن ئالاقە قۇرۇشىنى چەكلىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى كاتولىك مۇخلىسلىرىنىڭ پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدىكى چىركاۋلاردا ئىبادەت قىلىشىغا رۇخسەت بېرىدۇ. ئەمما، رىم پاپاسىنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي داھىيسى دەپ تونۇيدىغان خىتايدىكى مىليونلىغان كاتولىك مۇخلىسى يۇشۇرۇن ئىبادەت قىلىدۇ ھەمدە ئۇلار داۋاملىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.