خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ دالاي لامانى كۈتۈۋالماقچى بولغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى


2007.09.18

خىتاي تاشقى ئىشلار تورىدا ئېلان قىلىنغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە،-18 سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ،گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ تىبەت روھانى داھىيسى دالاي لامانى قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ ،گېرمانىيىنىڭ دالاي لاما زىيارىتىگە يول بېرىشى ، خىتاي بىلەن گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىگە سوغاق تەسىر كۆرسىتىدۇ " دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

جياڭ يۈ مۇخبىرلارنىڭ دالاي لامانىڭ گېرمانىيە زىيارىتى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ" جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لاما مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئېنىق ، شىزاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ، تىبەت مەسىلىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشى، دالاي لاما پەقەتلا دىنىي داھى بولماستىن دىنىي نىقاپ كىيىۋالغان دۆلىتىمىزنى پارچىلاشنى مەقسەت قىلغان بۆلگۈنچى ، مىللىي ئىتتىپاقلىقنى بۇزغۇچى سىياسىي سەرگەردان" دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قانداق دۆلەت ھەم ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ " جۇڭگو ھۆكۈمىتى گېرمانىيىنىڭ دالاي لامانىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىغا قەتئىي قارشى "دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ، -23 سېنتەبىر دالاي لامانى قوبۇل قىلماقچى بولۇپ ، ئۇ "بىز ھەر قانداق دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي دالاي لامانىڭ زىيارىتىگە ئىجازەت بېرىمىز " دېگەن.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر نەپەر مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ،خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە گېرمانىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ ، دالاي لامانىڭ گېرمانىيە زىيارىتىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما بېرلىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.