دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش گېرمانىيىدە باش مىنىستىر بىلەن سوتسىيال دېموكراتلار ئارىسىدا ئىختىلاپ ياراتتى


2007.11.23

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ 8 - ئايدا تىبەت رەھبىرى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشى گېرمانىيىدە ئانگېلا مېركېل بىلەن ئۇنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتىدىكى شېرىكى سوتسىيال دېموكراتلار ئارىسىدا ئىختىلاپ تۇغدۇردى.

سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋالتېر ستېينمېرنىڭ مېركېلنى تەنقىد قىلىش ھەرىكىتىدىن كېيىن، بۇ قېتىم سوتسىيال دېموكراتلارنىڭ رەھبىرى كۇرت بېك پەيشەنبە كۈنى مېركېلغا ھۇجۇم قىلدى. كۇرت بېك، مېركېلنى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش خىتاي بىلەن شرۆدېر دەۋرىدە ئورنىتىلغان مۇناسىۋەتكە زىيان سالدى، دەپ ئەيىبلىگەن.

شرۆدېر دەۋرىدە خىتاي ‏- گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ناھايىتى راۋاج تاپقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە تىبەت ھەم ئۇيغۇر ئېلىدىكى زوراۋانلىقىغا كۆز يۇمدى، دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى. 2009 - يىلدىكى سايلامدا سوتسىيال دېموكراتلارنىڭ باش مىنىستىر نامزاتى بولۇش ئېھتىمالى زور، دەپ قارىلىۋاتقان كۇرت بېكنىڭ ھۇجۇمى، گېرمانىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىدە تەرەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنە جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. بۇنىڭ ئالدىدا مېركېل خانىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېيمېرنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلىپ، خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى شۇنداقلا كىم بىلەن كۆرۈشۈش- كۆرۈشمەسلىككە ئۆزىنىڭ قارار قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن سوتسىيال دېموكراتلارنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن كۇرت بېك، "مەن شۇنىڭغا ئەپسۇسلىنىمەنكى ، شرۆدېر ھۆكۈمىتى دەۋرىدە كۆپ تىرىشچانلىقلار بىلەن ئورنىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ھازىر ئۈزۈلۈپ قالدى " دەيدۇ. مېركېلنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، خىتاي ‏، گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە "نازلىنىش" دىپلوماتىيىسى يولغا قويماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.