گېرمانىيە باش مىنىستىرى دالاي لاما مەسىلىسىدە خىتايغا رەددىيە بەردى


2007.12.02

گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىم 9- ئاينىڭ 23-كۈنى تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانى ئۆز مەھكىمىسىدە قوبۇل قىلىپ سۆھبەتلەشكەنلىكى سەۋەبىدىن خىتاي تەرەپ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. ھەتتا، 28-نويابىر كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئەگەر بېرلىننىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىر خاتالىق دەپ تونۇسا جۇڭگونىڭ گېرمانىيە بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر سوغۇقلىشىپ قالغان ئىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا گېرمانىيە رەھبەرلىرى خىتاينىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى. ئەنگلىيە رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتى ب ب س نىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىم 2-دېكابىر كۈنى ۋېن جياباۋنىڭ سۆزىگە بولغان رەددىيىسىنى بىلدۈرۈپ، " گېرمانىيە ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بىرلىكىنى قوللايدۇ. بۇنىڭغا گۇمانلىنىش كەتمەيدۇ، دالاي لامانىڭ قولغا كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتقىنى مەدەنىيەت مۇستەقىللىقى، بۇ ھەرگىزمۇ خىتايغا قارىتىلغانلىق ئەمەس " دەيدۇ.

ئۇ يەنە، "مەن كۆرۈشۈش لازىم دەپ قارىغان ئادەم بىلەن كۆرۈشۈشىم كېرەك دەپ ھېسابلايمەن" دەپ قاتتىقراق تەكىتلەش بىلەن بىرگە كىم بىلەن كۆرۈشىشنى ئۆزى قارار قىلىدىغانلىقى، گېرمانىيىنىڭ خىتاي بىلەن ياخشى دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاشنى خالايدىغانلىقى، بىراق دوست دۆلەتلەر ئارىسىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويۇلۇشى كېرەكلىكى"نى ئەسكەرتكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيىدىكى پائالىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيىدە ئېلىپ بارغان بىر قاتار پائالىيەتلىرىنىڭمۇ خىتاينى بىئارام قىلغانلىقى، شۇنىڭدەك خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ گېرمانىيىدىكى پائالىيەتلىرىنى توسۇش ئۈچۈنمۇ تۈرلۈك چارە-تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنە بېرلىن خىتاينىڭ گېرمانىيە دۆلەت مەخپىيەتلىكلىرىگە نىسبەتەن ئۇچۇر جاسۇسلۇقى ئېلىپ بارغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.