خىتاي ھۆكۈمىتى مېركېلنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ چىيۆ سەيشەنبە كۈنى " گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشى جۇڭگۇ بىلەن گېرمانىيە مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى يەتكۈزىدۇ" دېدى.

جاڭ چىيۆ يەنە ئانگېلا مېركېل خانىمنى ئەيىبلەپ "مېركېلنىڭ ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلاشقانلىق شۇڭا، گېرمانىيە تەرەپ دەرھال ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك چارىلەرنى كۆرسىتىشى كېرەك "دەپ تەلەپ قىلدى.

باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل خانىم يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىپ، بىر سائەتكە يېقىن سۆھبەتلەشتى. مېركېلنىڭ باياناتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، باش مىنىستىر مېركېل دالاي لاماغا ئېھتىرام كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ دالاي لامانىڭ تىبەت مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى، بولۇپمۇ دىنىي ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تېنچ پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دالاي لاما تۇنجى قېتىم، گېرمانىيە باش مىنىستىرلىق سارىيىدا قوبۇل قىلىندى، بۇنىڭدىن بىر قانچە ۋاقىت ئىلگىرى ئۇ ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرىنىڭ سارىيىدا، مەزكۈر دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

گېرمانىيىدە چىقىدىغان " جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى" دە گېرمانىيە - جۇڭگۇ مۇناسىۋىتى مېركېلنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ پىكرىگە قارىماي ، دالاي لامانى قوبۇل قىلىشى سەۋەبىدىن يىرىكلىشىشى مۇمكىن دېگەن ئانالىزلار ئېلان قىلىندى.

دالاي لاما، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ : "مەن قەيەردە بولاي، جۇڭگۇ تەرەپ بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرىدۇ، جۇڭگولۇقلار پەقەت ئۆزىنىڭ قەيەرگە قەدەر ماڭالايدىغانلىقىنى سىناۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا مېنىڭچە مېركېل بىلەن كۆرۈشكەنلىكىم ، جۇڭگۇ گېرمانىيە مۇناسىۋىتىگە ئانچە كۆپ تەسىر يەتكۈزمەيدۇ" دېدى. (ئەقىدە)