دالاي لامانىڭ بېلگىيە زىيارىتى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى


2007.05.11

تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ كېلەر ھەپتە بېلگىيىدە ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، زىيارەتنىڭ بىكار قىلىنىش سەۋەبى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. مەركىزى ئامېرىكىدىكى خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى بېلگىيە دائىرىلىرىنى خىتاينىڭ بېسىمىغا تېز پۈكۈش بىلەن ئەيىپلىسە، خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاماغا ھۇجۇم قىلدى.

دالاي لاما ئەسلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى بېلگىيە پايتەختى بېريۇسېلسدا ئېچىلىدىغان تىبەتنى ھىمايە قىلغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشماقچى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدسىكى بەزى ئەزالار بىلەن ئۇچراشماقچى ئىدى. لېكىن بېلگىيە ھۆكۈمىتى دالاي لاماغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، دالاي لاما بېلگىيە سەپىرىنى تۇيۇقسىز بىكار قىلغان.

بېلگىيە مەتبۇئاتلىرى ۋە بېلگىيە سىياسى ساھەسىدىكى سانى ئاز بولمىغان ئەربابلار، بېلگىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ بېسىمىغا تىرەجىمىدى، دەپ ئەيىپلىمەكتە ۋە زىيارەتنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى پەيشەنبە كۈنى دالاي لاماغا يەنە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى دىنىي تونغا ئورۇنىۋالغان بۆلگۈنچى، دەپ ئەيىبلىدى ۋە باشقا دۆلەتلەرنى سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشقا ئاگاھلاندۇردى.

لېكىن خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى بېلگىيىدەك ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قۇرغۇچى بىر دۆلەتنىڭ خىتايغا تېز پۈككەنلىكىدىن چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.