ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى جون خوۋارد بېيجىڭنىڭ نارازىلىقىغا پىسەنت قىلمىدى


2007.06.15

ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى جون خوۋارد، بېيجىڭنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشسە، خىتاي - ئاۋستىرالىيە مۇناسىۋەتلىرى زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، جۈمە كۈنى سېدنېيدا ئاۋستىرالىيىدە زىيارەتتىكى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتى. دالاي لاما ئەسلى بېلگىيە پايتەختى برېيۇسىلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تىبەت ھەققىدىكى بىر يىغىنغا قاتناشماقچى ئىدى. لېكىن بېلگىيە خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا يىغىنغا ئاز قالغاندا دالاي لامانى تەكلىپ قىلىشتىن ۋاز كەچكەن.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى جون خوۋارد دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان كۈنى، دالاي لاما بېلگىيە زىيارىتىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. دالاي لامانىڭ كۆرۈشۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىشىچە، ئۇ سۆھبەتتە جون خوۋاردقا " خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سۆھبىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن" . جون خوۋارد بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ دالاي لاماغا يول بېرىشىگە ۋە ئۇنىڭ تىبەت مۇستەقىللىقى داۋاسى قىلىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا دالاي لامانى نوقۇل دىنىي شەخس ئەمەس، دەپ تەنقىدلىگەن ۋە دالاي لامانىڭ " ئۇزۇندىن بېرى بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتى" بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دالاي لاما بۇ سەپىرىدە يەنە پەيشەنبە كۈنى سېدنېي ئايرودرومىدا يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى ھېلىن كلارك بىلەن ئۇچراشقان. دالاي لاما شۇ كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىپ، سىياسىي تەلىپىنىڭ تىبەت تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قالىدىغان "ئالىي ئاپتونومىيە" ئىكەنلىكىنى تەكرارلىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.