گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانى قوبۇل قىلدى


2007.09.24

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل 23 ‏- سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا قارىماي، تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى مېركېل خانىمنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە مېركېل خانىمنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشى باشلىنىشتىن ئىلگىرى گېرمانىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن ئېلىپ بارماقچى بولغان سۆھبەتنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

گەرچە گېرمان تەرەپ مېركېل خانىمنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ بىر شەخسىي سۆھبەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى، مەزكۇر ئۇچرىشىشنى دالاي لامانىڭ تىبەتنى مۇستەقىل قىلىشى پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىغان.

گېرمانىيە دۆلەت خادىملىرى بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە ئىچكىرىلەپ مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما، مۇشۇ ئۇچرىشىش سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، گېرمانىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن خىتاي تەرەپ ئارىسىدا مىيۇنخېندا قانۇن ۋە پاتېنت ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتنى بىكار قىلغانلىقىنى ۋە گېرمانىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىشكە چاقىرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى توماس ستەگنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، مېركېل خانىمنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشى، ساغلام تەرەققىي قىلىۋاتقان گېرمانىيە -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.

ب ب س رادىيو ‏- تېلېۋىزىيە شىركىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرنىڭ ، گېرمانىيىدە ھەپتە ئاخىرىدا چىقىدىغان سۇئەددۇئەتسچە زەئىتۇڭ گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، دالاي لاما ئۆزىنىڭ تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەمەس بەلكى ، تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ مەزكۇر نارازىلىق قىلمىشلىرىنى " سىياسىي تەكەببۇرلۇق" دەپ ئاتىغان.

دالاي لاما يەنە " مەن نەگىلا بارماي، خىتاي قارشىلىق بىلدۈرىدۇ. خىتايلار ئۆزىنىڭ قەيەرگىچە بارالايدىغانلىقىنى سىناۋاتىدۇ" دېگەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.