خىتاي دالاي لامانىڭ ۋاتىكاننى زىيارەت قىلىشىغا قارشى تۇردى


2007.11.01

خىتاي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى رىم ۋاتىكانىنى تىبەت روھانى رەھبىرى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەسلىككە چاقىرىپ، ئەگەر ۋاتىكان دالاي لامانى كۈتۈۋالسا بۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ۋاتىكان مەنبەئەلىرى پاپا 16 ‏- بېنەدىكتنىڭ 13 ‏- دېكابىردا دالاي لامانى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، "بىز ۋاتىكاننىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بېرىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى ۋە جۇڭگو بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدىغان كونكرېت ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز " دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانى بىر دىنىي رەھبەرلا ئەمەس، تىبەت مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان خەتەرلىك "بۆلگۈنچى" دەپ ئەيىبلىسىمۇ، لېكىن بۇ غەرب رەھبەرلىرىنىڭ بولۇپمۇ گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى خوۋارد، كانادا باش مىنىستىرى ستىپان خارپېرلارنىڭ دالاي لاما بىلەن يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە ئارقا - ئارقىدىن كۆرۈشۈشىنى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە دالاي لاماغا ئالتۇن مىدالى بېرىلىشىنى توسالمىدى.

ليۇ جيەنچاۋ پەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دالاي لاماغا كۆرسىتىلگەن بۇ ئىلتىپاتنى "چۈشىنىش ناھايىتى تەس كېلىۋاتىدۇ " دەپ كۆرسەتتى. ليۇ جيەنچاۋ، " دالاي لاما يا ئۇلارنى ئالداپ كەتكەن ياكى ئۇلارنىڭ جۇڭگوغا قارىتا بىر غەرىزى بار " دەيدۇ. دالاي لاما رىم پاپاسى بىلەن ئاخىرىقى قېتىم 2006 ‏- يىلى 10 ‏- ئايدا ئۇچراشقان ئىدى. دالاي لامانىڭ كېلەر ئايدا ئېلىپ بارىدىغان ۋاتىكان زىيارىتى، رىم ۋاتىكان دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەسمىي ئېلان قىلىنمىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇنىڭدا ۋاتىكان يېقىندىن بېرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يۇمشاۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.