ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى گۇسېنبېير دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتى

ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى گۇسېنبېير، پەيشەنبە كۈنى ۋىيېنادا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، ياۋروپا سەپىرىدىكى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتى. ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى سۋېن پۇسسۋالد، كۆرۈشۈشنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە 45 مىنۇت داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋسترىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ۋىيېنادىكى باش ئەلچىخانىسى باش مىنىستىر گۇسېنبېيرنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. گۇسېنبيېر كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئاۋسترىيە مەتبۇئاتلىرىغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاۋسترىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى " ناھايىتى ياخشى" دەپ تەرىپلىگەن، لېكىن دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئاقلاپ، ئاۋسترىيە" سۆھبەت زېمىنى " دەپ تەكىتلىگەن.

دالاي لامانىڭ ياۋروپا سەپىرىنىڭ كېيىنكى بېكىتى گېرمانىيە بولۇپ، ئۇ يەكشەنبە كۈنى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى دالاي لامانىڭ گېرمانىيە زىيارىتىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ تىبەت مۇستەقىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، دەپ ئەيىبلىدى.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈينىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ گېرمانىيە تەرەپكە بۇ زىيارەت ھەققىدىكى مەيدانىنى بىلدۈرگەن ۋە دالاي لامانى دىندىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ سىياسيى پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، دەپ شىكايەت قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە گېرمانىيىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ، مېركېلنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقىغا دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. ئەگەر ئانگېلا مېركېل يەكشەنبە كۈنى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشسە، بۇ گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ دالاي لامانى تۇنجى قېتىم قوبۇل قىلىشى بولۇپ قالىدۇ. (ئەركىن)