خىتاي ب د ت قىسىملىرىنى دارفۇر رايونىغا ئەۋەتىش مەسىلىسىدە نازلىنىۋاتىدۇ

جۇڭگو ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى سۇداننىڭ دارفۇر رايونىغا ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا ئىپادە بىلدۈرمىدى. لېكىن دارفۇر رايونىدا تىنچلىقنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى خالايمىز، دەپ كۆرسەتتى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا " جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن دارفۇر رايونىدا ئومۇميۈزلىك تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل خىزمەت قىلىدۇ " دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ دارفۇرغا ب د ت قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى قوللامدۇ، دېگەن سۇئالغا جاۋاپ بەرمىدى.

ئامېرىكا سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا يەرلىك ئافرىقىلىقلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقنى " ئېتنىك تازىلاش" دەپ ئاتىغان. سۇدان ھۆكۈمىتى بىلەن دارفۇردىكى پارتىزان كۈچلەر ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئامېرىكا ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ سالاچىلىقى ئاستىدا كېلىشىم ئىمزالىدى. بۇنىڭ بىلەن ېزىدېنت بۇش دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ دارفۇر رايونىغا ب د ت قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تەكلىپ لايىھىسى سۇنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ھازىر خىتاينىڭ جەنۇبىي سۇدان رايونىدا 450 كىشىلىك تىچنلىقنى قوغداش قىسىمى بار. ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە يوللىغان تەكلىپ لايىھىسى جەنۇبىي سۇداندىكى ب د ت قىسىملىرىنى دارفۇرغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىتاينىڭ جەنۇبىي سۇداندىكى 450 كىشىلىك قوشۇنىنى دارفۇر رايونىغا يۆتكەش مۇمكىنچىلىكى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. لېكىن خىتاي سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ قورال - ياراق بىلەن تەمىنلىگۈچىسى ۋە سۇدان نېفىتىنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارى.

دارفۇرغا ب د ت قوشۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە خىتاينىڭ مەيدانى مۇھىم رول ئوينايدۇ. چۈنكى خىتاي يېقىندا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 4 نەپەر سۇدان ئەمەلدارىغا ساياھەت ئىمبارگوسى قويۇش قارارىنى رەت قىلغان. (ئەركىن)