ئامېرىكا خىتايدىن سۇدان مەسىلىسىدە ب د ت بىلەن ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلدى
2007.01.12
ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ سۇدان مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى ئاندرېئو ناتسىئوس جۈمە كۈنى خىتايدا ئېلىپ بارغان بەش كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئاندرىئو ناتسىئوس، زىيارەت جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرىدىن سۇدانغا بولغان تەسىرىنى ئىشقا سېلىپ خارتۇم ھۆكۈمىتىنى ب د ت نىڭ دارفۇر مەسىلىسىدىكى قارارىغا بوي سۇنۇشقا قايىل قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئاندرىئو ناتسىئوس، سۇدان دائىرىلىرىنىڭ دارفۇردىكى زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىش جەھەتتە يېتەرلىك تەدبىر ئالمايۋاتقانلىقىدىن داۋاملىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاندرىئو ناتسىئوس بېيجىڭدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، "مېنىڭچە خىتاي دارفۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا تېخىمۇ مۇھىم رول ئويناپ بىزنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىزغا ياردەمچى بولۇشى كېرەك،" دەيدۇ.
خىتاي سۇداننى قورال - ياراق بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم دۆلەت شۇنداقلا خىتاي نېفىت شىركەرلىرى سۇدان نېفىت ئەسلىھەلىرىگە زور كۆلەمدە مەبلەغ سالماقتا. ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا سۇدان خىتايلار خام نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان 4 - دۆلەتكە ئايلاندى. سۇدان ھۆكۈمىتى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دارفۇر رايونىغا 22 مىڭ كىشىلىك تىنچلىق قوغدىغۇچى قىسىم ئەۋەتىش قارارىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلماقتا. خىتاي بولسا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شۇنداقلا ئۇ بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ سۇدانغا ئىمبارگو قويۇش تەكلىپ لايىھىسىنى رەت قىلغان.
سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا 2003 - يىلى توقۇنىش پارتلىغاندىن بېرى 200 مىڭ ئادەم ئۆلدى ۋە 2 يېرىم مىليون پۇقرا يۇرت ماكانسىز قالدى. ناتسىئوس،" ئەگەر سۇدان داۋاملىق توسالغۇ پەيدا قىلسا، بىز تېخىمۇ مەجبۇرلاش ئىستراتېگىيسىنى قوللىنىشىمىز مۇمكىن،" دەيدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نىگېرىيىدە بەش خىتاي ئىشچىسى گۆرۈگە ئېلىندى
- فرانسىيە خىتاينى ئافرىقىدىكى توقۇنۇش بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنى قورال - ياراقلار بىلەن تەمىنلىمەكتە، دەپ ئەيىبلىدى
- ياۋروپا مەتبۇئاتلىرى: خىتاي-ئافرىقا ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ياۋروپاغا تەھدىت
- ئامېرىكا، خىتاي رەھبەرلىرى تېلېفوندا شىمالىي كورىيە ۋە دارفۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
- خىتاي - ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرى ياۋروپالىقلارنى بىئارام قىلماقتا