ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى دارفۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارىتا قانۇن لايىھىسى ماقۇللىدى

6- ئىيۇن چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قانۇن لايىھىسى ماقۇللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى دارفۇردىكى يېغىلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا قىستىدى.

410-0 نومۇرلۇق قانۇن لايىھىسىدە، سۇدان ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، خىتاينىڭ سۇدان بىلەن بولغان بارلىق ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئالاقىسىنى توختىتىشى چاقىرىلغان.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى دېموكرات، باربارا لېئې، قانۇن لايىھىسىنى تونۇشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى بىر ئەيىبنامە دەپ چۈشىنىپ قالماسلىقنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: "بۇ قانۇن لايىھىسىنى تاتلىق قىلىپ كۆرسىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. خىتاي بولسا، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى پىسەنت قىلمىغان بىر قىرغىنچى ھاكىمىيەتنىڭ ئەجەللىك سودا شېرىكى" دەيدۇ.

دارفۇردا 2003- يىلىدىن بەرى 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قىرغىن قىلىنغان ۋە ئىككى يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆي-ماكانسىز قېلىپ مۇساپىر بولۇپ كەتكەن.(جۈمە)