خىتاي سۇدانغا ئىقتىسادىي جازا يولغا قويماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
2007.06.16
خىتاينىڭ دارفۇر مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى لىيۇ گۈيجىن سۇدانغا قارىتا ئىقتىسادىي جازا يولغا قويماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتاينىڭ دارفۇر مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى تەيىنلەنگەن لىيۇ، جۈمە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، " دارفۇردا ۋەزىيەت مۇرەككەپ. خەلقئارا جامائەت سودانغا قارىتا ئىقتىسادىي جازا يولغا قويۇش ئورنىغا خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئويلىشىشى كېرەك " دېدى.
سەيشەنبە كۈنى سودان ھۆكۈمىتى خەلقئارا جامائەتنىڭ بېسىمى بىلەن دارفۇرغا ئافرىقا ئىتتىپاقى ۋە ب د ت بىرلەشمە تىنچلىقنى قوغداش كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ماقۇللىغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى سۇدان بىلەن يېقىن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتكە ئىگە بىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى، دافۇردىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن سۇدان ھۆكۈمىتىگە يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمەيۋاتىدۇ دەپ، ئەيىبلىمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى سۇدان نېفىتىنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارى بولۇپ سۇدان، نېفىتنىڭ ئۈچتە ئىككىلىك قىسىمىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىدۇ. خىتاي بولسا سۇداننىڭ ئەڭ چوڭ قورال-ياراق ئىمپورت مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى سۇدان بىلەن بولغان يېقىن ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۆتمۈشتە، ب د ت نىڭ دافۇردىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن سۇدانغا تىنچلىق قوغداش قىسىملىرى ئەۋەتىشىگە قارشى چىققان ئىدى.
لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى لىيۇ، بېسىم ھېچقانداق ئىشنى ھەل قىلمايدۇ. سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ، دارفۇر مەسىلسىنى بىر تەرەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس، دېگەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI ) ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە بېيجىڭ دائىرىلىرىگە ياردەملەشمەكچى
- ئامېرىكا مەتبۇئاتى "دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش كېرەك" دەپ يازدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دارفۇر مەسىلىسىنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا باغلايدىغان قارار لاھىيىسى ماقۇللىدى
- خۇ جىنتاۋ شۋېتسىيە زىيارىتىدە ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسىدە بېسىمغا دۇچ كېلىشى مۈمكىن
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى دارفۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارىتا قانۇن لايىھىسى ماقۇللىدى
- خىتاي ئۆزىنىڭ ئافرىقا ئەللىرىدىكى رولىنى ئاقلاشقا تىرىشماقتا
- چ م ت مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتنى زىيارەت قىلىش - قىلالماسلىقىغا ئېنىقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- دارفۇرغا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى كىرگۈزۈشتە خىتاي دىپلوماتىك رول ئوينىغان
- سۇدان ۋە چاد ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا، تېچلىق كېلىشىم ئىمزالاندى