پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن سۇدان دارفۇر كرىزىسى خەلقئارا مۇھاكىمىسى دۈشەنبە كۈنى ئاياقلاشتى.
يىغىنغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا، خىتاي ھەمدە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق 11 دۆلەت ھەمدە خەلقئارالىق تەشكىلات يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشتى. ئەمما سۇدان ھەمدە ئافرىقا ئىتتىپاقى ۋەكىل ئەۋەتمىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە دارفۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇھاكىمىگە قاتناشقان تەرەپلەر دارفۇرنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئىلگىرىلىشى، ئىنسانپەرۋەرلىك، تىنچلىق ۋەزىيىتى ۋە دارفۇرنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، خەلقئارالىق قوغداشنى داۋاملاشتۇرۇشنى قوللىغان بولسىمۇ، ئەمما سۇداننىڭ دارفۇردىكى زوراۋانلىقىنى توختىتىشىدا كونكرېت بىر سىياسىي تەدبىر ئېلىش مەسىلىدە ئىلگىرىلەش بولمىغان.
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، خىتاي سۇدان ھۆكۈمىتىنى ئاكتىپ قوللاپ، دارفۇر مەسىلىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا تىنچلىقنى قوغداش قىسمىنى كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرۇپ كەلگەن، خىتاينىڭ ھەرىكىتى خەلقئارادا " خىتاي مىللىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قوللىدى " دەپ ئەيىبلەشكە ئۇچراپ كەلمەكتە.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلاردا يەنە، دارفۇر كرىزىسى يۈز بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ، خىتاينىڭ سۇدان ھۆكۈمىتىنى سىياسىي جەھەتتە قوللاش بىلەن تەڭ، يەنە ئۇنىڭغا ھەربىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە داۋاملىق ياردەم بېرىۋاتقانلىقى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىماقتا. (گۈلچېھرە)