ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى خىتايدىن دارفۇر مەسىلىسىدە ياردەمچى بولۇشنى تەلەپ قىلدى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ 100 دىن ئارتۇق ئەزاسى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، خىتايدىن دارفۇردىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىشتا تېخىمۇ چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. خەتتە، خىتاينى سۇدانغا قورال - ياراق سېتىپ بېرىش سىياسىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرغان بولۇپ، خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن ياردەم بېرىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەلقئارا كرىزىس ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خېتى دۈشەنبە كۈنى بىر گۇرۇپپا پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ لوندوندىكى باش ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرۇلغان. پارلامېنت ئەزالىرى خەتتە، خىتاينىڭ سۇدان ھۆكۈمىتىنى جانجاۋىدلارنى قوللاشتىن ۋاز كېچىش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ھۆرمەت قىلىش، جانجاۋىدلارنى قورالسىزلاندۇرۇش ۋە خەلقئارا سوت بىلەن ھەمكارلىشىش قاتارلىقلار مەسىلىلەردە قايىل قىلالايدىغان ئاچقۇچلۇق دۆلەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

خەتتە مۇنداق دەيدۇ، " بىز يەنە خىتاينىڭ سۇدان ھۆكۈمىتىگە قورال - ياراق سېتىش، تەمىنلەش ۋە مالىيە ياردىمى بېرىش سىياسىتى دارفۇردىكى بىخەتەرلىك كرىزىسىغا تۆھپە قوشقان ياكى قوشمىغانلىقىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز."

خەتتە بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى ئىما قىلىپ،" ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 ‏- يىللىق ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ساھىپخانى سۈپىتىدە سۇدان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتسە، ئولىمپىك روھىنى نامايەن قىلغان بولىدۇ " دەپ تەكىتلىگەن. سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى يەرلىك ئافرىقىلىقلار 2003 ‏- يىلى سۇدان ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەندىن بېرى، 200 مىڭ ئادەم ئۆلدى، 2 يېرىم مىليون كىشى ئۆي - ماكانسىز قالدى. (‏ئەركىن)