ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دارفۇر مەسىلىسىنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا باغلايدىغان قارار لاھىيىسى ماقۇللىدى
2007.06.08
دۆلەت مەجلىسى ئالدىنقى كۈنى دارفۇر مەسىلىسىنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا باغلايدىغان قارار لاھىيىسى ماقۇللاپ، خىتاي دائىرىلىرىنى دارفۇر مەسىلىسىدە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك روھىغا مۇناسىپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.
دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارار لاھىيىسىدە، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتچى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ 2008- يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقى يەر ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن قارار لاھىيىسىدە " خىتاي دارفۇر، سۇدان ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئىنسان قەدىر - قىممىتىنى ئۇلۇغلاش روھىغا ئىزچىل تۈردە ئەمەل قىلىشى كېرەك،" دەپ ئاگاھلاندۇردى. دارفۇر مەسىلىسىنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا باغلايدىغان قارار لاھىيىسى ماقۇللاش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جېنىغا تەگدى.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا قارار لاھىيىسىنى " جۇڭگونىڭ دارفۇر مەسىلىسىدىكى ئىجابىي تىرىشچانلىقىنى نەزەرگە ئالماي، جۇڭگونى سەۋەبسىز ھالدا تەنقىد قىلغان شۇنداقلا دارفۇر مەسىلىسىنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىلەن باغلىماقچى بولغان. بۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارلاشقانلىقتۇر، " دەپ ئەيىپلىدى.
سۇداندا يەرلىك قەبىلىلەر بىلەن خارتۇم ھۆكۈمىتى ئارىسىدا پارتلىغان توقۇنۇشتا 2003- يىلى 2- ئايدىن ھازىرغىچە 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن، 2 يېرىم مىليون ئىنسان ماكانلىرىدىن ئايرىلغان ئىدى. خىتاي سۇدان بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە نېفىت سودىسى تۈپەيلىدىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دارفۇرغا خەلقئارا قىسىملارنى ئەۋەتىش ھەم سۇدانغا ئىمبارگو قۇيۇش تەكلىپىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋ شۋېتسىيە زىيارىتىدە ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسىدە بېسىمغا دۇچ كېلىشى مۈمكىن
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتايدىن ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى دارفۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارىتا قانۇن لايىھىسى ماقۇللىدى
- چ م ت مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتنى زىيارەت قىلىش - قىلالماسلىقىغا ئېنىقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- دارفۇرغا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى كىرگۈزۈشتە خىتاي دىپلوماتىك رول ئوينىغان
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: 'خىتاي بىلەن رۇسىيە دارفۇر قورال-ياراق ئىمبارگوسىغا خىلاپلىق قىلدى'
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى
- كانادا مەتبۇئاتلىرىدا بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسى مۇنازىرە قىلىنماقتا