ئامېرىكا مەتبۇئاتى "دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش كېرەك" دەپ يازدى
2007.06.12
ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتىدە دارفۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يولى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش، دېيىلگەن.
11- ئىيۇن كۈنى، سىياسىي مۇلاھىزىچى نات ھېنتوف تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان: " ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش 29- ماي كۈنى دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن سۇدانغا قارشى يېڭى جازا تەدبىرلىرى قوللىنىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، سۇدان پرېزىدېنتى ئۆمەر بەشىرنى، دارفۇردىكى بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، بومبىلىنىشى ھەمدە تاجاۋۇزغا ئۇچرىشىدا قولى بار دەپ، ئەيىبلىدى. پرېزىدېنت بۇشنىڭ بۇ بۇيرۇقى بىلەن سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ياكى ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى يەنە 31 شىركەتنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرى بىلەن سودا -ئالاقىسى چەكلەندى."
نات ھېنتوف ماقالىسىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنىڭ ئىقتىسادىي جازاغا قوشۇمچە، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن سۇدانغا قارىتا قورال ئىمبارگوسى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
نات ھېنتوف مۇنداق دەيدۇ، "لېكىن، خىتاينىڭ دارفۇر مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى ليۇ گۈيجىن، "پرېزىدېنت بۇش تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ كەبى جازالار ۋە بېسىملار دارفۇر مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلالمايدۇ. ئەكسىچە، مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدۇ ، دېگەن. بۇ خىتاينىڭ سۇداننى قوغداۋاتقان دۇنيادىكى بىردىن بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ، دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن، سۇدانغا قارىتا ئىقتىسادىي جازا يولغا قويۇشنىڭ ئورنىغا، 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك نەتىجە بېرىدىغاندەك تۇرىدۇ." (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دارفۇر مەسىلىسىنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا باغلايدىغان قارار لاھىيىسى ماقۇللىدى
- خۇ جىنتاۋ شۋېتسىيە زىيارىتىدە ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسىدە بېسىمغا دۇچ كېلىشى مۈمكىن
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى دارفۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارىتا قانۇن لايىھىسى ماقۇللىدى
- چ م ت مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتنى زىيارەت قىلىش - قىلالماسلىقىغا ئېنىقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- دارفۇرغا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى كىرگۈزۈشتە خىتاي دىپلوماتىك رول ئوينىغان
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: 'خىتاي بىلەن رۇسىيە دارفۇر قورال-ياراق ئىمبارگوسىغا خىلاپلىق قىلدى'
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى خىتاينىڭ كىشلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكشۈرىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى
- خىتاي بىلەن سۇدان ھەربىي ھەمكارلىقىنى بارغانسىرى كۈچەيتمەكتە