خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: خىتاي بىلەن رۇسىيە دارفۇر قورال-ياراق ئىمبارگوسىغا خىلاپلىق قىلدى
2007.05.08
سەيشەنبە كۈنى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي بىلەن رۇسىيىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قورال-ياراق ئىمبارگوسىغا خىلاپلىق قىلىپ ھەربىي قوراللارنىڭ سۇدانغا ئېقىپ كىرىشىگە يول قويۇپ، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى.
كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە يول قويغان قوراللار كۆپىنچە ھاللاردا دارفۇردىكى ئىرقىي توقۇنۇشتا ۋە چاد رايونلىرىدىكى توقۇنۇشلاردا ئىشلىتىلىدىكەن. كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىدىن ئىنتايىن ئەندىشىلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ "پۈتۈنلەي يولسىزلىق" ئىكەنلىكى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ قورال - ياراق ئېكسپورتىنىڭ "ئېھتىياتچان، مەسئۇلىيەتچان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇن لايىھەلىرىگە ئەمەل قىلغان" ئاساستا يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، رۇسىيە " بىزنىڭ ھېچقانداق قوراللىرىمىز دارفۇردا ئىشلىتىلمىدى" دەپ كۆرسەتكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2003-يىلى دارفۇر رايونىدىكى خارتوم ھۆكۈمىتى بىلەن توپىلاڭچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 200 مىڭچە ئادەمنىڭ ئۆلگەن ۋە 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئوي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇپ كەتكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي بىلەن سۇدان ھەربىي ھەمكارلىقىنى بارغانسىرى كۈچەيتمەكتە
- كوندىلىزا رايىس خەلقئارا جەمئىيەتلەرنى دارفۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا چاقىردى
- كوندالىزا رايىس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇدانغا دارۇر مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكا خىتايدىن سۇدان مەسىلىسىدە ب د ت بىلەن ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكا سومالىيىدىكى ئەلقائىدە بازىسىغا ھۇجۇم قوزغىماقتا
- ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ سومالىغا تىنچلىق قوشۇنى ئەۋەتىشنى مەسلىھەتلەشمەكتە
- سومالى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ۋە ئېفىئوپىيە ئارمىيىسى مۇسۇلمانلار قوشۇنىنى چېكىندۈردى
- فرانسىيە خىتاينى ئافرىقىدىكى توقۇنۇش بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنى قورال - ياراقلار بىلەن تەمىنلىمەكتە، دەپ ئەيىبلىدى