خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىڭتاۋ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جىياباۋ سەيشەنبە كۈنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا خىتايغا زىيارەتكە كەلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرىتارى كوفى ئاننان بىلەن كۆرۈشتى. كوفى ئاننان خىتاينىڭ خەلقئارا تىنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، خىتايدىكى مۇھىت قوغداش مەسىلىلىرىگە توغرا قاراشقا ئۈندىدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاننان سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىنىڭ كۈنسايىن ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايدىن خەلقئارا تىنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارغا بىۋاستە ئارىلىشىشنى كۈتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا، دۇنيادىكى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىنىڭ ئازاۋىنى تارتىۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلاردا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، قايتا قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ياردەملىشىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كوفى ئاننان يەنە خىتاينىڭ مۇھىت پروگراممىسىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۆتكەنكى 25 يىلدىن بۇيان تۈرلۈك ئېكولوگىيىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ۋە ھازىردىن باشلاپ كەلگۈسى ئەۋلاد ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ھازىرلاشقا كۆپ كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. (پەرىدە)